زەبۇر. 126. «يۇقىرىغا چىقىش ناخشىسى» پەرۋەردىگار زىئوندىن سۈرگۈن بولغانلارنى قايتۇرۇپ كەلگەندە، بىز چۈش كۆرگەندەكلا بولدۇق؛ ئاغزىمىز كۈلكىگە، تىلىمىز شادلىنىشقا تولدى؛ شۇ تاپتا ئەللەر ئارىسىدا ئۇلار: ــ «پەرۋەردىگار ئۇلارغا زور ئىشلارنى قىلىپ بەردى» ــ دېيىشتى. پەرۋەردىگار دەرۋەقە بىز ئۈچۈن زور ئىشلارنى قىلدى، بىز بۇلاردىن شادلىنىمىز. جەنۇبتىكى قۇرۇق ئېرىقلار شار-شار سۇلارغا ئايلاندۇرۇلغاندەك، بىز تۇتقۇنلارنىمۇ ئۆز ئەركىمىزگە قايتۇرغايسەن، ئى پەرۋەردىگار؛ كۆز ياشلىرىنى ئېقىتىپ تېرىغانلار شادلىق بىلەن ئورار؛ يىغلاپ يۈرۈپ چاچىدىغان ئۇرۇقنى كۆتۈرگەن كىشى، بەرھەق، شادلىق-تەنتەنە بىلەن ئورىغان باغلىرىنى كۆتۈرۈپ قايتىپ كېلىدۇ.